باش بەت | كىرىش سۆز | ئىسلام | گۈلىستان | روھ غەليانلىرى | تەرمىلەر | شېئىرىيەت كۆزنىكى | تۈرلۈك بىلىملەر | يۇمشاق دېتاللار

كىرىش سۆز


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  
 

ھۆرمەتلىك دوستۇم، بەلكىم ئۇچۇر دەۋرىدە ياشىغىنىڭىزدىن سۆيۈنىدىغانسىز، زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ شاراپىتىدە كىچىككىنە "كەنت" كە ئايلانغان يەر شارىمىز، پەن- تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك قولايلىقلار سىزنى شاتلاندۇرىدىغاندۇ، ۋەياكى قايسىدۇ شائىرنىڭ:
"سېغىنىمەن،
مىڭ يىل ئاۋالقى ئادەملەرنىڭ ئادەملىكىنى.
...."
دەپ يازغىنىدەك، بوۋىلىرىمىزنىڭ تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ ياشىغان دەۋرلىرىنى سېغىنىدىغانسىز. قانداقلا بولمىسۇن ئۇشبۇ دەۋرنىڭ پەرزەنتى بولمىش بىزلەرنىڭ بوۋىلاردىن مىراس پەزىلەت جاۋاھىرلىرىغا ۋارىس ھالدا زامانىۋى ئاڭ بىلەن تەرەققىياتقا ماسلاشمقىمىز- زۆرۈرىيەتتۇر. ئالدىراشچىلىق،جىددى تۇرمۇش رېتىمى بىلەن ھالسىراۋاتقان روھىڭىزغا ئازغىنە ئارام بېرىش بىلەن تەپەككۈر ئۈنچىلىرىدىن سىزلەرگە يەتكۈزمەكنى ئىستەپ "سادا" بېتىنى ئاچتۇق."سادا" روھىڭىزنى ھارغىنلىق، غەپلەت توزانلىرىدىن ئازاد قىلالىسا، بىزنىڭ مۇرادىمىز ھاسىل بولار ئىدى...

 

2000- يىل ئاۋغۇست




قايتىش


新ICP备05002037号

website counter