پىكىر دەپتىرى


108 2005-12-28 17:34:30
ئىسىم: نۇرى
تور بەت: -
ئېلخەت: nuri@cn.com
پىكىر:


مەن سىزنىڭ بۇ توربەتنى  قۇرغانلىىقىڭىزدىن  ناھايىتى  رازى بولدۇم  توربەت  ناھايىتى  ياخشى ئىكەن  ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن
جاۋاب:
ئاللاھ سىزگە ھەم رەھمەت قىلسۇن.

107 2005-12-28 12:04:17
ئىسىم: ئۆمەر
تور بەت:
ئېلخەت:
پىكىر:
ئەسسالامۇ ئەليكۇم ھۆرمەتلىك  قېرىنداشلار  ئۇلۇغ ئاللاھ  ھەممىمىزگە  رەخمەت قىلسۇن  
سىلەرنىڭ  سۇرىغان سۇئاللارغا  ئىخلاسمەنلىك بلەن  جاۋاب  بەرگەنلىكىڭلارغا   ئاللاھ   دەرىجەڭلارنى  ئۈستۈن قىلسۇن   .
سىز  ئۇيغۇرچە-ئەرەبچە  ئىلكتۇرۇنلۇق لوغەت بار  تور ئادىرىسىنى  بىلارسىزمۇ ؟
ياكى  بولمىسا   خەنزۇچە-ئەرەبچە  بولسىمۇ  مەيلى  .
ئاللاھ  رەخمەت قىلسۇن .

106 2005-12-27 13:10:40
ئىسىم: ئوت يۇرەك
تور بەت: http;//uybook.com/sada/sadabook.asp
ئېلخەت: -
پىكىر:
ھورمەتلىك بىكەتباشلىقى ياخشىمۇ سىز  سىزنىڭ   بۇتوربىتىڭىز ھەقىىقەتەن   ياخشى بۇلۇپتۇ  بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ تڭرشىپ          كەم يەر لىرىنى  تېخمۇ تۇلۇقلاپ  كىتىشىڭىزنى ئومۇت   قىىلىمەن   ھەم  سىزگە بەخىت  تىلەيمەن  
جاۋاب:
ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە تەشەككۈر.

105 2005-12-27 12:02:20
ئىسىم: ئۆمەر
تور بەت:
ئېلخەت:
پىكىر:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
قانداق ئەخۋالىڭىز  ،ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟
مەن سىزدىن  ئۇيغۇرچە  ئىزدەش  توربەت  ئادىرىسىنى   سۇراي دىگەن ئىدىم  .
مۇمكىن بولسا  دەپ  بەرگەن  بولسىڭىز    ؟
ئاڭلىسام  گوگلى   نىڭ  ئۇيغۇر چە   ئىزدەش   ئىقتىدارى بار  ئىكەن  شۇنداقمۇ ؟
جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. http://google.aramga.com ناھايىتى ياخشى تۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە ئىزدەش بېتى.

104 2005-12-26 21:34:32
ئىسىم: ئابدۇراخمان.
تور بەت: www.nurislam.cn
ئېلخەت: umar@51.net
پىكىر:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم..
  
جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.

103 2005-12-23 19:41:31
ئىسىم: نۇر قىزى
تور بەت:
ئېلخەت:
پىكىر:
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  !
قەدىرلىك   قىرىندىشىم  . ئۇزۇندىن  بىرى   بىر  ئىش  بېشىمنى  بەك   قاتۇرۋاتىدۇ  ، چوڭنىڭ   ئەقلى  چوڭ   بولدىكەن  ،  
مەسلەھەت  بەرسىڭىز  !
ئاللاھ  خالىسا  پات  ئاردا  ئوقۇشۇم   پىتىدۇ  ، ئاللاھ  يولىدا  ۋەدە  بەرگەن  بىرى  يىگىت  بار  ئىدى  ،  ئۇنىڭ  ئوقۇشى  يەنە  2يىلدىن  كېيىن  پىتىدۇ  ، ئاللاھ  خالىسا  ئىككى  دۇنيالىق  ھالال  جىپلەردىن   بولمىز  دەپ   ۋەدە  بىرىشكەن   ،    بىراق  ئاپام   قايتىپ   كەلمىسەڭ   سەندىن  زارى  ئەمەس   دەپ  تۇرۋالدى  ،  بولۇپمۇ  ئاپامنىڭ   ناېادا  شۇ  بالا  بىلەن  توي  قىلىپ   خىزمەت  قىلماي  ئۆتدە  ئولتۇرمەن  دىسەڭ    ئۆلسەممۇ  گورۇمدا   تىك  ئولتۇرمەن  دىگەن  گېپى  مېنى  بەك   قىناپ  قويۋاتىدۇ . ،    قانداق  قىلىشىمنى  پەقەت  بىلەلمىدىم  ،  نولدىلا   دەپ  قايتىپ   كەتسەم  ھازىرقى  ئۇيغۇر  ئوغۇللىرىمىزنىڭ  ھال  ئەخۋالى  ھەمىمىزگە   تولمۇ  ئايان  ،  ئايال  كىشى  بولغاندىكىن  ئۆيدە  ئولتۇرۇپ   ئاللاھقا   سېغىنغىن   دەيدىغان   ئوغۇللىرىمىز   ئازلاپ   كەتتى .   كەتمەي   دىسەم   ئاللاھ   ساقلىسۇن    ئاپامنى  رەنجىتىپ   قويۇپ  جەننەتكە   كىرەلمەسلىكتىن   قورقىمەن .    شۇڭا   ماڭا  ھەر  ئىككىسىنىڭ   دىلىنى  ئاغرىتمايدىغان  ھەم  پۇشايماندا  قالمايدىغان  بىر  ئامال  كۆرسەتكەن   بولسىڭىز  ،  ئاللاھ    سېزدىن  رازى  بولسۇن  !
جاۋاب:
  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سىڭلىم. ئوقۇشىڭىز ئۇ يىگىتتىن بۇرۇن پۈتسە، ئاۋۋال ئاپىڭىزنىڭ يېنىغا قايتىڭ. توي قىلمىغان بىر قىزنىڭ ياقا يۇرتتا يۈرۈشى ياخشى ئەمەس. يۇرتىڭىزدا سىزنى تېزلا خىزمەتكە تەقسىم قىلىۋېتىشى ناتايىن. خەۋەر كۈتكەچ ئاپىڭىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىڭ، دۇئاسىنى ئېلىڭ، پىكىرلىشىڭ. ئاللاھنىڭ توغرا يولغا باشلىشىنى تىلەڭ. سىز توغرا دەپ ئويلىغان بىر يول ماھىيەتتە خاتا بولۇشى، سىزگە ئاقىۋىتى يامان تۇيۇلغان بىر ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئاللاھتىن ياخشى ئاقىۋەت تىلەڭ. بەندىگە مۈشكۈل تۇيۇلغان ئىشلار ياراتقۇچىغا تولىمۇ ئاسان. ئاللاھ خالىسا، سىزنى خىيالىڭىزدىكىدىنمۇ ياخشىراق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشى مۇمكىن. ئاللاھ بەختىڭىزنى بەرسۇن.

102 2005-12-23 0:11:11
ئىسىم: 105
تور بەت:
ئېلخەت:
پىكىر:
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  !  مەن  ئۆتكەندە    (ئاياللارنىڭ  ئاۋازى  ئەۋرەتمۇ  ؟) دىگەن  بىر    سۇئال  قالدۇرۇپ  قويغانىدىم  ،  بۇسۇئالىم   جاۋاپسىز  قالغىنىغا   خىلى   بولدى  ،    ئاكاش   سز  بەك  ئالدىراش   ئوخشىمامسىز  ؟  
جاۋاب:
  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سىڭلىم، سۇئالىڭىزغا «ئىسلام سۇئال- جاۋابلىرى» بېكىتى www.islam-qa.com دىكى جاۋابنىڭ قىسقارتىلمىسى مۇنداق:
  ئاياللار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە سۆز قىلاتتى، ئىسلامىي مەسىلىلەرگە ئائىت سۇئاللارنى سورايتتى، شۇڭا پرىنسىپ جەھەتتە ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت ئەمەس. ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئەرلەرگە سالام بىلەن ھۆرمەت بىلدۈرۈشىنى ئىسلام ئىماملىرى چەكلىمىگەن. بىراق ئاياللارنىڭ نازۇ كەرەشمە بىلەن سۆزلىشى تۆۋەندىكى ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسەن چەكلىنىدۇ:
  «ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى!سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر،سىلەر(يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا)نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار،(نازاكەت بىلەن سۆز قىلساڭلار)دىلىدا نىفاق بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا)تەمەدە بولۇپ قالىدۇ،(گۇماندىن خالى)ياخشى سۆزنى سۆزلەڭلار﴿32﴾» (33-سۈرە ئەئزاب 32-ئايەت)

  (مەنبە: www.islam-qa.com ئىنگلىزچە بېتى 26304- سۇئال «ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەتمۇ؟»)

101 2005-12-19 1:11:30
ئىسىم: مەۋلان
تور بەت:
ئېلخەت: bulak99@hotmail.com
پىكىر:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، دىلمۇراتكا !
     قۇرغان تور بىتىڭىز مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن مەيلى ئۇسلۇب جەھەتتىن بولسۇن  باشقا تور بەتلەردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرۇپتۇ ، مەن بۇ تور بەتنى بەك ياقتۇرىمەن ، ئۇلۇغ اللھ دىن ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق ۋە مەدەت تىلەيمەن ، مۇۋاپىقىيەت اللھ بىلەندۇر .
مۈمكىن بولسا ماڭا تور بەت ياساش تىخنىكىسىدىن تەلىم بەرگەن بولسىڭىز ، اللھ خالىسا  سىز بىلەن ئالاقىلاشقان بولسام .
جاۋاب:
  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئىنىم، «سادا»نىڭ سىزگە يارىغىنىدىن خۇرسەنمەن. قولۇمدىكى ئالدىراشچىلىقلار بېسىققاندا، ئىنشائاللاھ سىز بىلەن ئالاقىلىشاي.

100 2005-12-16 15:53:20
ئىسىم: غەيرەت ئابدۇراخمان
تور بەت: yok.............
ئېلخەت: qq:413021438
پىكىر:
                                                ئەسساﻻم دىلمۇرات ئەپەندى ياخشمۇ سىز ؟
مەن سىزنىڭ تور بېتىڭىزنى كۇرۇپ نۇرغۇن بىلىم ئىگەللىگى بولىدىغانلىغىنى ھېسقىلدىم ،سىزنىڭ ئوز يېزىقىمىزدا مۇشۇنداق ياخشى توربەت ئاچقىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر . مېنىڭ سىزدىن كۇتۇدىغان كىچىككىنە ئۇمۇدۇم بار ئىدى .  مەن كومپىيوتۇرنى يېڭى ئۇگۇنىۋاتقان  ھەم خەنزۇ تىلى ئاساسىم ياخشى بولمىغاچقا  كومپىيوتۇرغا سېستىما يۇمشاق دېتاللىرىنى قاچىﻻشدا  ناھايتى قىينىلىپ قالىدىكەنمەن  .شۇڭا سىزنىڭ ماڭا ياردەم قىلىشىڭىزنى چىن كوڭلۇمدىن ئۇمۇت قىلىمەن .
                             ھورمەت بىلەن :خوتەن ۋىﻻيىتى نىيە ناھىيىسىدىن   غەيرەت ئابدۇراخمان
                            2005-يىلى 12-دېكابىر (چۇشدىن كېيىن)
جاۋاب:
  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بېتىمىزنى ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.
  ئۆزىڭىز قاچىلاش جەريانىدا مەسىلىگە يولۇققان دېتاللارنى قالدۇرسىڭىز، قاچىلاش ئۇسۇلى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى سىزگە يەتكۈزۈپ بېرىمىز.

99 2005-12-16 15:36:46
ئىسىم: غەيرەت ئابدۇراخمان
تور بەت: yok
ئېلخەت: qq:413021438
پىكىر:
ئەسسا ﻻمۇ ئەلەيكۇم  باشقۇرغۇچى ......................مەن 14-دېكابىر سىزنىڭ پىكىر دەپتىرىڭىزگە  بىر نەچچە تۇرلۇك تەلەپ ۋە ئىلتىماسىمنى يېزىپ قويغان ئىدىم  ،جاۋاپمۇ يازغان خەت ئوزىمىۇ كۆرۇنمەيدىغۇ؟ مۇشۇنداق ئىشﻻرمۇ بوﻻمدۇ؟
جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بەزىدە يوللانغان ئۇچۇرلار نورمال كۆرۈنمىسە ئۆچۈرىۋېتىمىز. توغرا چۈشەنگەيسىز.

جەمئىي  66  بەت، كۆرۈۋاتقىنىڭىز  56  - بەت
[  1  2  3  4  5  6  7  8  9  10  11  12  13  14  15  16  17  18  19  20  21  22  23  24  25  26  27  28  29  30  31  32  33  34  35  36  37  38  39  40  41  42  43  44  45  46  47  48  49  50  51  52  53  54  55  56  57  58  59  60  61  62  63  64  65  66  ]

باشقۇرۇش


«سادا» پىكىر دەپتىرى 1.0 نەشىرى www.xsada.com تارقاتتى، 2005- يىل سىنتەبىر.