پىكىر دەپتىرى


148 2006-1-26 17:57:44
ئىسىم: نەمەت مۇھەممەت
تور بەت:
ئېلخەت:
پىكىر:
  ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،  مىيىتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئالارنىڭ ھەرقايسسىنى ئايرىم -ئايرىم  ئوچۇق، ئېنىق  قىلىپ    ئېيتىپ بېرەمسىز ؟        نىكاھ ئوقۇغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئانى  تەرتىپلىك قىلىپ يېزىپ بەرسىڭىز،    
   ئاللا نامىدىن سىلەرگە بەرىكەت تىلەيمەن .

147 2006-1-26 3:08:05
ئىسىم: قۇتلۇق
تور بەت: sada
ئېلخەت: pp11
پىكىر:
ئېسلام   تلۋېزيسنې     كرگېزشكە  بولامدۇ   ؟


.


جاۋاب:
  كەچۈرىسىز، تور تېلىۋىزىيە دېتاللىرىدىن پايدىلانغايسىز.

146 2006-1-25 11:06:55
ئىسىم: ئاي
تور بەت:
ئېلخەت:
پىكىر:
تور بېتىڭلاردىن رازى بولدۇم  رەھمەت .
جاۋاب:
  ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.

145 2006-1-25 11:05:25
ئىسىم: بەخىت
تور بەت:
ئېلخەت:
پىكىر:
سىز لەرگە كۆپتىن - كۆپ رەھمەت !!!!!!!!!!!!
جاۋاب:
  ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇشالمىز.

144 2006-1-24 20:40:12
ئىسىم: ئېلىجان <يا ئوقى>
تور بەت: sirim
ئېلخەت:
پىكىر:
ئىسلامنڭ ھەقىقى مەنىسى نىمە؟ بىز شىنجاڭدىكىلەر نەچچە % مۇسۇلمان ھېسابلىنىمىز؟
جاۋاب:
  «ئىسلام» سەھىپىمىزدىكى «زۆرۈر ئەقىدىلەر»گە قاراڭ. شىنجاڭدىكىلەر نەچچە % مۇسۇلمان بۇنى ئاللاھ بىلىدۇ.

143 2006-1-24 13:40:12
ئىسىم: مۇساجان
تور بەت:
ئېلخەت:
پىكىر:
سلەرنېڭ تور بېتڭلاردېكې تەرمېلەر سەھپېسې سەرخېللاشتۇرۇلېسا، كۆچۈرلمە نەرسلەرنى ئىشلەتمىسەڭلار!
جاۋاب:
  كەچۈرىسىز بۇرادەر، «تەرمىلەر» گە كۆچۈرۈلمىلەر ئىشلىتىلمىسە ئۇنى «تەرمىلەر» دېمىسەك بولىدۇ.

142 2006-1-22 14:08:28
ئىسىم: نەمەت
تور بەت:
ئېلخەت: a.x-1@163
پىكىر:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، كىشىلەر ئوتتۇرسىدا نامازنىڭ نىيىتى توغۇرلۇق ئىككى خىل كۆزقاراش بارئىكەن .      
بىر خىلى :مىسال   نىيەت قىلدىم  ئۆتەرمەن بامداد نامازنىڭ ئىككى رەكەت ۋەقتى پەرزىنى يۈزۈم قىلبىگە قىلبەم جەھەتى كەئبىگە
خالىسەن لىللاھى تەئەلا ئاللاھۇ ئەكبەر.
يەنە بىر خىلى : مىسال   ،  نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن بامدات نامازنىڭ  ئىككى رەكەت ۋەقتى  پەرزىنى ئىختىدا قىلدىم  قۇرئانغا .
    زادى قايسى توغرا ؟
     ناماز ئوقۇغاندا  ،ئىمام  نىمە دەپ نىيەت قىلىدۇ ؟
    توغرا ،  ئوچۇق جاۋاپ بېرىشىڭىزلارنى  سورايمەن  .
جاۋاب:
  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. «ئىسلام سۇئال- جاۋابلىرى» ئىنگلىزچە بېتىدىكى 37841- نۇمۇرلۇق سۇئالغا بېرىلگەن جاۋابتا مۇنداق دېيىلىپتۇ:
  ئىبن ئەلقەييىم  «زاد ئەلمەئاد» (1\201) دا:
  «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازغا تۇرغاندا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمە دېمىگەن ياكى نىيەتنى ئۈنلۈك ئېيتمىغان. ئۇ زات: «نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن پالانى نامازنىڭ مانچە رەكىتىنى، ئىقتىدا قىلدىم ئىمامغا...» دېگەندەكلەرنى دېمىگەن، ھەم «شۇ ۋاقتى بىلەن»، «قازاسىنى» دېگەندەكلەرنى دېمىگەن. شۇڭا بۇلار ھەممىسى بىدئەت. بۇلار ھېچقانداق بىر ئۆلىما تەرىپىدىن ئىزناد، سەھىھ، زەئىپ، مۇسنەد، مۇرسەللەر بىلەن بايان قىلىنىپ باقمىغان. ساھابىلەر، تابىئىنلارمۇ بۇنى رىۋايەت قىلىپ باقمىغان ياكى تۆت ئىماممۇ بۇنى مۇستەھەب دەپ باقمىغان. شۇڭا نىيەتنى قەلبتە قىلىش كېرەك. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.

141 2006-1-22 9:13:54
ئىسىم: مىراسچان سەتتار
تور بەت:
ئېلخەت:
پىكىر:
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم نۇرىسلام توربېتىدىكى قۇربان ھېت مۇناسىۈىتى بىلەن تەبلىغ اڭ لاش سە ھىپىسىدە  اتا-انىنى رازى قىلماق اللانى  رازى قىلماق دەپتۇ، لېكىن كاپىرتۇرۇپ اتا-انىسىنى رازى قىلسا اللانى رازى قىلغانلىققا كىرەمدۇئ
جاۋاب:
  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەسما بىنت ئەبۇ بەكرىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبىرىمىز ھايات چېغىدا ئانام يېنىمغا (مېنىڭدىن رەھمەت) ئۈمىد قىلىپ كەپتۇ. مەن پەيغەمبىرىمىزدىن: «مەن ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلسام بولامدۇ؟» دەپ سورىدىم، ئۇ زات: «ھەئە» دېدى. ئىبن ئۇيەينە، شۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ: «(كۇففارلاردىن سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمىگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىمايدۇ..»(60- سۈرە «مۇمتەھىنە» 8- ئايەت) دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى، دېگەن. (بۇخارى رىۋايىتى)

140 2006-1-22 7:12:10
ئىسىم: ئەسقەرجان قاھار
تور بەت: YOK
ئېلخەت: 53128753@qq.com
پىكىر:
مەن  بۇ  توردىن  بەك  رازى بولدۇم  !!!! رەھمەت سڭزلەرگە !!!!
جاۋاب:
  ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.

139 2006-1-21 9:41:27
ئىسىم: مىراسچان ساتتار.
تور بەت:
ئېلخەت:
پىكىر:
موسۇلمانلاردىباغاكىرسەبۇلامدۇئ
جاۋاب:
  مۇسۇلمانلار مۇنداق گۇناھ سورۇنلىرىدىن يىراق بولۇشى كېرەك. «قۇرئان كەرىم»دىكى 4- سۈرە «نىسا»نىڭ 140- ئايىتىدە:
« ئاللاھ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە نازىل قىلدىكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان كاپىرلار) باشقا پاراڭغا كىرىشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار،بولمىسا (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلايدۇ» دېيىلگەن. مۇشۇ ئايەت ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەت ھەدىسلەرگە ئاساسەن ئىسلام ھاراق، قىمار، زىنا قاتارلىق ھاراملار ئەۋج ئالغان سورۇنلارغا بېرىشنى چەكلەيدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.

جەمئىي  66  بەت، كۆرۈۋاتقىنىڭىز  52  - بەت
[  1  2  3  4  5  6  7  8  9  10  11  12  13  14  15  16  17  18  19  20  21  22  23  24  25  26  27  28  29  30  31  32  33  34  35  36  37  38  39  40  41  42  43  44  45  46  47  48  49  50  51  52  53  54  55  56  57  58  59  60  61  62  63  64  65  66  ]

باشقۇرۇش


«سادا» پىكىر دەپتىرى 1.0 نەشىرى www.xsada.com تارقاتتى، 2005- يىل سىنتەبىر.