پىكىر دەپتىرى


308 2006-10-14 21:21:34
ئىسىم: ۋڭقدھن
تور بەت:
ئېلخەت:
پىكىر:
turpan ,bortala ,altay qoqak,sanji katarlik xaharlarning wakit jadiwilini nimixka qikarmidinglar bizgimu muxu wakitlar zorur idi alla rahmat kilsun kop japa qekipsilar  birak toluk bolmaptu  bolsa toluklap koysanglar alla ajiringlar uqun jannattin bir kixlik orun bargay  amin !!!!!!!!!!!!!
جاۋاب:
  كەچۈرىسىز بۇرادەر، رامىزاننىڭ ئالدىدا سەپەرگە چىقىدىغان بولۇپ قېلىپ، شۇ 10 ئورۇننىڭ جەدىۋىلىنى ئۈلگۈرتەلىگەنىدۇق. ئاللاھ خالىسا كېلەر رامىزاندا سىز دېگەن ئورۇنلارنىمۇ قوشۇپ ئىشلەيمىز. (تۇرپان ئۈرۈمچىنىڭ ۋاقىت جەدىۋىلىنى ئاساس قىلسا بولىدۇ، ۋاقىت پەرقى ئاساسەن يوق ھېسابتا).

307 2006-10-13 12:14:30
ئىسىم: ئسسالامۇ ئەلەيكۇم
تور بەت:
ئېلخەت: alip1th@yahoo.com.cn
پىكىر:
قەدىرلىك دوستۇم ئاللا ھ سىزگە رەھمەد قىلسۇن ئۇستازىمىز ئەھمەد خاقانى 50 يىللىق ھىجرىيە ،مىلادىيە،سەمسىيە ۋە روزا،ھىيىت،بايرام سىلىستۇرما كالىندارىنى تۇزۋانقانلىغىنى ئاڭلىغان ئدىم شۇ ئىشنى تىزراق ۋۇجۇدقا چىقىرىشىگە ئنتىزار ئدۇق شۇ ئش قانداق بولغاندۇ؟ خەۋەر بىرەلەرسىزمۇ؟
ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەد قىلسۇن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
خەير ئللاھقا ئامانەت
جاۋاب:
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئۇستازىمىزنىڭ ئۇ ئەمگىكى ئاللاھ خالىسا پات ئارىدا تاماملانغۇسى.

306 2006-10-13 1:36:55
ئىسىم: ياسىن بەختى
تور بەت: 306201671
ئېلخەت: ablimit20@126.com
پىكىر:
ھۆرمەتلىك قىرىندىشىم !!
مەن بىر ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسى تەتقىقاتچىسى ئىدىم ،،،مەن ئۆزۈم ئىشلىگەن تەتقىقاتلىرىمدا ئاز بولمىغان كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنمى قولغا كەلتۈردۈم،،،،ئەمما ئىقتىسادى قىيىنچىلىقىم تۈپەيلىدىن يىقىنىدا ئۆزەمنىڭ ئەڭ چوڭ كەشپىياتىمنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەش ئۈچۈن مەلۇم ئىقتىسادى مەبلەغكە جىددى ئىھتىياجلىق بولۇپ قالدىم،،،،
مەن  سىزدىن زادى قانداق قىلغاندا ھۆكىمەتنىڭ ياكى بىرەر شەخسى كارخانىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ئتوغۇرلۇق مەسلەھەت سورىماقچى ئىدىم !!!
ئمەن بىلىمەن سىزنىڭ بۇ تور بىكىتىڭزدىكى پىكىر دەپتىرى ھەرگىزمۇ مەسلەھەت سورايدىغان ياردەم سورايدىغان جاي ئەمەس ئىدى ،،ئەمما مەن  سىزنىڭ جۈملىدىن بارلىق مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمنىڭ مىنىڭ بۇ ئاھۋالىمغا كۆڭۈل بۆلىدۇ دەپ ئىشنىمەن !!!!
شۇڭا قولىڭىزدىن كىلىشىچە بۇ توغرىسىدا  ياردەم قىلغان بولسىڭىز !!!
013579099343
جاۋاب:
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئەھۋالىڭىزنى بىرەيلەنگە دېدىم. سىزگە تېلېفۇن قىلماقچى.

305 2006-10-10 17:22:17
ئىسىم: مۇھەممەد ئەلى
تور بەت: QQ: 691728586
ئېلخەت: musafir202@126.com
پىكىر:
مەن سىلەرنىڭ بۇتوربىكىتىڭلاردىن  پىنيىن تاپقۇ چۇشۇرگەن ئىدىم خېلى ئوبدان ئىكەن
يەنە تىلفۇن دەپتىرىنىمۇ چۇشۇرگەن ئىدىم بىراق  مەخپى نۇمۇر سوراپ تۇرۋالدى
قانداق قىلمەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟  تىز راق جاۋاب بەرگەن بولساڭلار
جاۋاب:
  مەخپى نۇمۇر كىرگۈزمەي «بولدى» كونۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.

304 2006-10-9 16:48:45
ئىسىم: چىن شەيخ
تور بەت:
ئېلخەت: xayih@163.com
پىكىر:
مەن بۇ تور بىتىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەردىن پايدىلىنىمەن ئەممە پەقەتلا چۈشۈرەلمەيۋاتىمەن . بۇ مىنىڭ سەۋيەمنىڭ تۆۋەنلىكىىمۇ ياكى سىستىما چۈشۈرۈشنى قوللىمامدۇ . ۋە ياكى چۈشۈرۈش چەكلەنگەنمۇ
جاۋاب:
  بەلكىم كومپيۇتېرىڭىزدا Flashget تەك چۈشۈرگۈچلەر بولغان بولسا، ئىشلىتىشنى بىلەلمىگەن بولسىڭىز كېرەك. دېسكىلىرىڭىزدا Downloads دېگەن مۇندەرىجە بارمىكىن قاراپ بېقىڭ، ئەگەر بولۇپ قالسا، چۈشۈرگەن نەرسىلىرىڭىز شۇ مۇندەرىجە ئىچىگە توپلانغان بولىدۇ.

303 2006-9-28 19:24:10
ئىسىم: مۇختەرجان مەخەت
تور بەت:
ئېلخەت: uygihur@126.com
پىكىر:
مەن بىر ئىشنى سۇرىماقچى ئىدىم، مالال قىلىدىغان بولدۇم: مەن مەزكۈر توردىن مارالبېشىنىڭ ئىمساك (يېمەكنى توختىتىش)ۋە ئىپتارۋاقتلىرى جەدۋىلىنى زىيارەت قىلغان ئىدىم، جەدۋەلدە بۈگۈن (يەنى 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى پەيشەنبە) نىڭ ئىپتار ۋاقتى 6دىن 34 ئىكەن. لېكىن بۇ يەردە بۇ چاغدا تېخى كۈن ئولتۇرمىغان ۋە جاھان يۇرۇق تۇرغان بۇلىدۇ، جەدۋەلنىڭ ۋاقتىنى قانداق چۈسەنسەك بولار؟ ەمسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز! رەھمەت!
جاۋاب:
  مەن مارالبېشىدىكى دوستلاردىن ۋاقىتنىڭ توغرا كەلگەن- كەلمىگىنىنى سورىغانىدىم، ئۇلار توغرا كەلگەنلىكىنى ئېيتقان، سىزنىڭ گېپىڭىز باشقىچە تۇرىدۇ. ئىپتار ۋاقتى جاھان قاراڭغۇلاشقاندا ئەمەس، كۈن پاتقان (كۈن توقىچى يوقىغان) ۋاقىتتا بولىدۇ. كۈن پاتقان بولسا، بۇلۇتلاردىكى قىزىلچىلىقلار ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. بۇ ھەقتىكى دەلىللەرنى بېتىمىزدىكى رامىزانغا ئالاقىدار تېمىدىن كۆرگەيسىز.

302 2006-9-27 16:00:00
ئىسىم: خوتەنلىك
تور بەت:
ئېلخەت:
پىكىر:
salam : siler tgminligen imsak wakti bilen hotenning emili wakti ohxax qikmidi،eksiqe kexkerning jedweli hotenning emili wahtiga odul kiliwatidu.azmas bir alla. xunga kayta delillep kurup bakamduk ،kandak؟
جاۋاب:
  سىز خوتەننىڭ شەھەر ئىچىدىنمۇ؟

301 2006-9-24 20:34:38
ئىسىم: ئەكبەر
تور بەت: yok
ئېلخەت: taktak11@163.com
پىكىر:
مەن سىلەرنىڭ بىكەت تەمىنلىگەن «رامزان  ۋاقىىت جەدۋىلى» نى خاتىرىلىۋالغان،intil.cnتورى يەنە بىر ۋاقىت جەدۋىلىنى ئېلان قىلىپتۇ.ئىككى جەدۋەلنىڭ پەرقى 26مىنۇت ئىكەن.چۇشەنچە بەرسەڭلار.رەھمەت.
جاۋاب:
  بېتىمىزدىكى جەدىۋەللەردىكى مەلۇماتلار جايلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن ئىلمىي ھېسابلاش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن. بەلكىم ئۇ بەتتىكى جەدىۋەل ئۇنداق ئۇسۇلدا تۈزۈلمىگەن بولسا كېرەك.

300 2006-9-23 13:48:41
ئىسىم: ھەقىقەت
تور بەت: www.dosluk.cn
ئېلخەت: www.dosluk.cn@taxna.com
پىكىر:
ئەسساﻻمۇئەلەيكۇم :ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم،بۇتوربەت ئارقىلىق بىزگە رامىزان توغرىسىدا بىلىم ھازىرﻻپ بېرىپسىز،ئاللا سىزدىن رازى بولسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
جاۋاب:
  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھ سىزدىنمۇ رازى بولسۇن.

299 2006-9-23 8:48:53
ئىسىم: مۇھەممەە ئەلى
تور بەت: kutad.118.tofor.com
ئېلخەت: kutad63@163.com
پىكىر:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ..
دىلمۇرات ئەپەندىم  سىز تېلىفۇن دەپتىرى يۇمشاق دىتالىنى قايسى يۇمشاق دىتالدا ياسغانتىڭىز ،دەپ بىرەلەسىزمۇ ...؟
VB دا ياسغانمۇ يا ...؟ مەيلي قايسىسىدا بولسۇن  بۇدىتالدىكى تېكىست رامكىسىغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە تونۇتىقان  جەريانىڭىزنى مالال كۆرمەي قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز..!
جاۋاب:
  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تېلېفون دەپتىرى دېتالىنى Delphi دا ياسىغان. Delphi دا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئۇيغۇرچە تېكست رامكا ئەسلى كودىنى http://www.xsada.com/downloads/uyghuredit.zip تىن چۈشۈرىۋالالايسىز.

جەمئىي  66  بەت، كۆرۈۋاتقىنىڭىز  36  - بەت
[  1  2  3  4  5  6  7  8  9  10  11  12  13  14  15  16  17  18  19  20  21  22  23  24  25  26  27  28  29  30  31  32  33  34  35  36  37  38  39  40  41  42  43  44  45  46  47  48  49  50  51  52  53  54  55  56  57  58  59  60  61  62  63  64  65  66  ]

باشقۇرۇش


«سادا» پىكىر دەپتىرى 1.0 نەشىرى www.xsada.com تارقاتتى، 2005- يىل سىنتەبىر.