| 428 | 2007-9-27 6:53:36 |
| ئىسىم: | ئۇيغۇر ئوغلى |
| تور بەت: | |
| ئېلخەت: | |
| پىكىر: | توربەرتنىڭ خەتلىتىنى چوڭراق يازسىڭىز بولامغۇ ؟خەتلىرى بەكلا كېچىككەن ،خەتلەرن ئۇقۇپ تۈگەتكۈچە تەسچىلىكتە ئۇقۇدىم |
| 427 | 2007-9-23 15:27:21 |
| ئىسىم: | بىرسى |
| تور بەت: | |
| ئېلخەت: | |
| پىكىر: | 423- نومۇرلۇق پىكىرىمگە نېمىشقا جاۋاپ يوق، ئاچچىقىڭلارنى كەلتۈرۈپ قويدۇممۇ نىمە؟! |
| جاۋاب: | ئاچچىقلاپ قالغىنىمىز يوق بۇرادەر. قايسى جەدىۋەلنىڭ توغرىلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، جەدىۋەلدە كۆرسىتىلگەن ئىفتار ۋاقتىدا غەرب تەرەپنى كۈزىتىڭ. شۇ ۋاقىت كۈن توقىچى يوقالغان چاغ بولسا، ئىفتار ۋاقتى توغرا بولغان بولىدۇ. كۈن توقىچى يوقالمىغان بولسا، بالدۇر بولغان، كۈن توقىچى يوقاپ خېلى ئۆتكەن بولسا، كېيىن بولغان بولىدۇ. بىز بېتىمىزدىكى جەدىۋەلنى ئاسترونومىيىلىك ئۇچۇرلارنى تەمىنلەيدىغان بېكەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆردۇق ھەم تۇرىۋاتقان يېرىمىزدە كۈننىمۇ كۈزىتىپ باقتۇق. بېكىتىمىز تەمىنلىگەن جەدىۋەلدىكى ۋاقىت ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. |
| 426 | 2007-9-22 20:25:21 |
| ئىسىم: | ئابدۇراخمان |
| تور بەت: | |
| ئېلخەت: | |
| پىكىر: | ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: زوھۇرلۇق ۋە ئىفتار ۋاقىتلىرىنى تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. مۇمكىن بولسا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىمۇ تور بەتكە چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز. |
| 425 | 2007-9-22 15:24:32 |
| ئىسىم: | مۇسۇلمان قىز |
| تور بەت: | |
| ئېلخەت: | ayjamal555@126.com |
| پىكىر: | ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەن شەبنەم تور بىكىتىگە ئەزا ئىدىم ئۇ يەردە مۇنازىرىگە كىرسەم تورداشلار ئات گۆشى يىسەك بۇلامدۇ مەسىلىھەت بەرگەن بولساڭلار دەپ قالدۇرۇپتىكەن ، باشقىلىرى ھەر خىل جاۋاپ بىرىۋىتىپتۇ . ئات گۆشى ھالالمۇ ياكى قانداق ؟ مەسىلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ؟ مەن بۇ مۇنازىرىگە قالايمىقان چاق - چاق قىلىپ ياكى ئاڭلىغانلىرىڭلارنى يېزى بەرگىلى بۇ دىگەن ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس . مۇنازىرىگە دىگەن نۇرغۇن ئادەملەر كىرىدۇ چۇقۇم توغرا جاۋاپ بىرەيلى دەپ قويدۇم قانداق بۇلىدۇ پەتىۋا بەرگەن بولسىڭىز . مەن بىلەن ئالاقىلىشىشنى خالىسىڭىز بۇ مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم : 853143480 |
| جاۋاب: |   ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. پىكىر دەپتىرىمىزدىكى 56- نۇمۇرلۇق پىكىرگە قاراڭ. |
| 424 | 2007-9-21 17:37:34 |
| ئىسىم: | ئاق قۇم |
| تور بەت: | kaptar |
| ئېلخەت: | kaptar |
| پىكىر: | ھەرقايس شەھەرلەرنىڭ رامىزان ۋاقىت جەدىۋىلىنى يوللغىنىنىڭىزگە تەشەككۇر ئللەھ تىنىڭلارگە سالامەتلىك ئاتا قىلغاي ئامىن !! |
| 423 | 2007-9-21 16:54:17 |
| ئىسىم: | بىرسى |
| تور بەت: | |
| ئېلخەت: | |
| پىكىر: | ئىپتىاھ ۋاقتى بىلەن زورلۇقنىڭ ۋاقتى توغرىمۇ؟ مەن مۇشۇ ۋاقىت قائىدىسىگە ئەمەل قىلىۋاتسام، باشقىلار بازاردا سېتىۋاتقان كالىندارلار بىلەن 10 نەچچە مىنۇت ۋاقىت پەرقى باركەن دەيدۇ. زادى بازاردىكى يىلنامە كالىنداردىكى ۋاقىتا ئەمەل قىلامدۇق ياكى سادا تورىدىكى ۋاقىتقىمۇ؟ |
| 422 | 2007-9-20 13:50:54 |
| ئىسىم: | يۇسۇپجان |
| تور بەت: | |
| ئېلخەت: | |
| پىكىر: |      مەن سىزدىن بىر ىلخەت ادىرسى سورىماخچى ىدىم مۇمكىن بولسا  بىرنى بەرگەن بولسىڭىز؟ |
| 421 | 2007-9-18 17:23:12 |
| ئىسىم: | موھاببەت |
| تور بەت: | salam |
| ئېلخەت: | salam |
| پىكىر: | مەن روزدا دەيدغان سۇرنې سورايمەن |
| جاۋاب: | سىز سورىغان مەسىلە ئىسلام سۇئال-جاۋابلىرى تور بېكىتىدىكى 13337- سۇئالغا ئالاقىدار ئىكەن. شۇيەردىكى سۇئالغا بېرىلگەن جاۋابنى چاپلاپ قويدۇم: ئىبادەتلەردە نىيەتنى تەلەپپۇز قىلىشنىڭ ھۆكمى   سۇئال نومۇرى  13337   سۇئال : مۇسۇلمان ئىبادەتلەرنى قىلىدىغان چاغدا نىيەتنى ئىغىزى بىلەن دەمدۇ ؟ يەنى ، نىيەت قىلدىم تاھارەت ئىلىشنى ، نىيەت قىلدىم ناماز ئوقۇشنى ، نىيەت قىلدىم روزا تۇتۇشنى . ۋە باشقا مۇشۇنداق دەمدۇ ؟ جاۋاپ: مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيەدىن : ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرگە كىرگەندە نىيەت قىلىش ھەققىدە ، تىلنىڭ سۆزلىشى لازىممۇ ؟ مەسىلەن ، ناماز ئوقۇشنى نىيەت قىلدىم ، روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلدىم دىيىش لازىممۇ؟ دەپ سورالغاندا ، ئۇ جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دىگەن : " مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . تاھارەت ، ياكى يۇيۇنۇش ياكى تەيەممۇم قىلىشتىن ئىبارەت پاكلىنىش نىيىتىنى ، ھەمدە ناماز ، روزا ، زاكات ، كەففارەت بىرىش ۋە باشقا ئىبادەتلەرنىڭ نىيىتىنى بارلىق ئىسلام ئىماملىرىنىڭ بىردەكلىكى بىلەن تىلنىڭ سۆزلىشىگە مۇھتاج ئەمەس . بەلكى ئۇلارنىڭ بىردەك قارىشى بىلەن نىيەتنىڭ ئورنى دىل . ناۋادا كىشى خاتالىشىپ ئۇنى دىلىدىكىگە قارشى سۆزلەپ قالسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىغىزىدىن چىققىنى ئەمەس ، دىلىدا پۈككىنى ھىساپ. ھىچكىم ئۇ توغىرسىدا قارشى پىكىر ئوتتۇرغا قويمىدى ، پەقەت بىرقىسىم ئىمام شافىئىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كىيىنكىلىرى ئۇنى قوللىغان ، بىراق بۇ مەزھەپنىڭ بىر قىسىم ئىماملىرى بۇنى خاتا دىدى . لىكىن ئالىملارنىڭ تالاش-تارتىشى بولسا ، نىيەتنى سۆزلەش ياخشى(مۇستەھەپ)مۇ -ئەمەس ؟ دىگەن مەسىلە . بۇ ھەقتە ئىككى خىل سۆز بار : ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە ، شافىئىي ، ۋە ئەھمەد نىڭ بىر قىسىم ھەمرالىرى : ئۇ نىيەتنى كۈچەيتىدىغىنى ئۈچۈن ، نىيەتنى سۆزلەش ياخشى دىگەن . ئىمام مالىك ، ئەھمەد بىر قىسىم ھەمرالىرى ۋە باشقىلار : " ئۇنى ئىغىزدا سۆزلەش ياخشى ئەمەس . چۈنكى ئۇ پەيغەمبەردىن (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ، يا ساھابىلەردىن نەقىل قىلىنمىغان بىدئەت . ھەمدە پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئۇممىتىدىن ھىچكىمنى نىيەتنى سۆزلەشكە بۇيرىمىغان ۋە ياكى ئۇ مۇسۇلمانلاردىن ھىچكىمدىن تونۇلمىغان . ناۋادا بۇ بەلگىلەن ئىش بولسىدى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى ئۇممەت ھەر كېچە-كۈندۈزدە ئىبادەتلىرىدە قىلىدىغان بۇ ئىشقا سەل قارىمايىتتى . " دىگەن . بۇ سۆز ئەڭ توغرا ، بەلكى نىيەتنى ئىغىزدا دىيىش بولسا ئەقىل ۋە دىن جەھەتتە كەمتۈكلۈك بولىدۇ : دىن جەھەتتە بولسا ئۇ بىر بىدئەت ، ئەقىل جەھەتتە بولسا بۇ بىر تاماق يىمەكچى بولۇپ : نىيەت قىلدىم ، قولۇمنى بۇ قاچىغا قويۇشنى ، مەن ئۇنىڭدىن بىر كاپام ئالىمەن ، ئاندىن ئۇنى ئىغىزىمغا سىلىپ ئۇنى چاينايمەن ، ئاندىن تويۇش ئۈچۈن ئۇنى يۇتىمەن دىگەن كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ . بۇ ئەقىلسىزلىق ۋە نادانلىق . نىيەت بولسا بىلىش بىلەن باغلانغان بولۇپ ، ئەگەر بىر كىشى نىمە قىلىۋاتقىنىنى بىلسە ، ئۇنداقتا ئۇ ئىنقلا بىر نىيەتنى قىلىپ بولدى . ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىپمۇ ، نىيەت شەكىللەنمىگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ . بارلىق ئىماملار نىيەتنى ئاۋازلىق سۆزلەش ۋە ئۇنى تەكرارلاشنىڭ دىندا بەلگىلەنمىگەنلىكىگە بىردەك قوشۇلدى . بەلكى كىمكى ئۇنىڭغا ئادەتلەنسە ، ئۇ تەربىيلىنىشى ھەمدە بىدئەت بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلماسلىققا ۋە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ باشقىلارغا دەخلى قىلماسلىققا نەسىھەت قىلىنىشى لازىم . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ . [ « چوڭ فەتىۋالار » 1\ 214، 215 ] |
| 420 | 2007-9-6 23:30:09 |
| ئىسىم: | يۇسۇپجان |
| تور بەت: | |
| ئېلخەت: | |
| پىكىر: |      بىزگە پايدىلنىش.ۇچۇن  يوللىخان  ماتىرياللىرىگىزخا   كۇپتىن  كوپ رەخمەت  كېرىندىشىم؟ |
| جاۋاب: |   ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت. |
| 419 | 2007-9-6 11:20:32 |
| ئىسىم: | مەمەت ئېلى |
| تور بەت: | www.islam-qa.com |
| ئېلخەت: | fursat |
| پىكىر: | كۈندىن كۈنگە   ياخشى ئۇچۇرلارنى  يولىشىڭلارنى  ئۈمىت كىلىمەن |
| جاۋاب: |   رەھمەت. |
جەمئىي
66
بەت، كۆرۈۋاتقىنىڭىز
24
- بەت
[
1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11 12 13 14 15 16 17 18 19 20 21 22 23 24 25 26 27 28 29 30 31 32 33 34 35 36 37 38 39 40 41 42 43 44 45 46 47 48 49 50 51 52 53 54 55 56 57 58 59 60 61 62 63 64 65 66 ]